تۇغۇندى سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
تاشقى پېرىۋوت سودىسى دېگەنلىك شۇ بىر خىل پۇلنى يەنە بىر خىل پۇلغا ئالماشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ . تاشقى پېرىۋوت بازىرىدا داۋالغۇش كۆرۈلگەندە ، سودا قىلغانلار پۇل ئوتتۇرىسىدىكى باھا پەرقى ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ.
پۇلنىڭ داۋالغۇشى سىياسەت ، ئۇرۇش ، ئاپەت ، ۋابا ، يەر شارى ئىقتىسادى ، پۇل سىياسىتى ، ئۆسۈم نىسبىتى ۋە پۇل پاخاللىقى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارغا باغلىق بولۇپ ، بۇنىڭ بىلەن پۇل ئېھتىياجى ۋە تەمىنلەشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ھەمدە پېرىۋوت نىسبىتىنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يەر شارىدىكى سودا مىقدارى ئىنتايىن زور بازار بولۇش سۈپىتى بىلەن ، تاشقى پېرىۋوت بازىرىنىڭ كۈندىلىك سودا مىقدارى 7 تىرىليون 500 مىليارد دوللارغا يىتىدۇ ، بۇ ھېچقانداق ئاپپارات ۋە شەخسنىڭ تاشقى پېرىۋوت بازىرىنى كونترول قىلالمايدىغانلىقىدىن ھەمدە ھەرۋاقىت سودىغا قاتناشقىلى بولدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ماتېرىيال مەنبەسى: خەلقئارا ھېساباتنى ئېنىقلاش بانكىسىنىڭ ئۈچ يىللىق مەركىزىي بانكا تەكشۈرۈشى
تاشقى پېرىۋوت بازىرى بازاردىكى ھەر قايسى چوڭ ئاساسلىق پۇل بىرىكمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە EURUSD، GBPUSD، USDPY، USDCAD، USDCHF، AUDUSD، NDUSD دۇنيادىكى ئاساسلىق يەتتە چوڭ سودا پۇلى بىرىكمىسى .
تاشقى پېرىۋوت سودىسى قىلغاندا ، بۇ پۇللار بىرىكمىسى زاكاز تالونى بانكا ۋە بانكىدىن سىرىتقى ئاپپاراتلاردىن تەركىب تاپقان بانكا ئارا بازارغا تاشلىنىدۇ.ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىز پۇلنىڭ " سېتىۋېلىش " بىلەن " سېتىش " باھاسى ئوتتۇرىسىدا پەرق بارلىقىنى بايقايمىز، مانا بۇ " نۇقتا پەرقى ، " ئۇ بانكا ۋە بانكىدىن سىرىتقى ئاپپاراتلار تەمىنلىيەلەيدىغان ئوبوروتچانلىقىغا باغلىق .
ئادەتتە بازارنىڭ ئوبوروتچانلىقى قانچە كۈچلۈك بولسا ، زاكاز تالونى شۇنچە ئاسان پۈتۈشىدۇ ، باھاسىمۇ تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
Best-traderسودا قىلغۇچىلارنى 36 خىل پۇل بىرىكمىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا نۆل نۇقتا پەرقى بىلەن سودىلاشقىلى بولىدۇ . Best-trader قۇرغان ئاپپارات دەرىجىلىك ھېسابات كۆلچىكى ئارقىلىق تاشقى پېرىۋوت سودىسىغا قاتناشسا 25+، يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپپاراتتىن تەركىب تاپقان بانكا ئارا بازارغا بىۋاستە ئۇلاپ ، ئاپپارات دەرىجىلىك زاكازنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە سودا تەننەرخىدىن بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ.
پاي چېكى ۋە تاۋارلارنىڭ سودا ئورنى تەسىس قىلىنغانلىقىدىن پەرقلىنىدۇ ، سودا قىلغۇچىلار بۇ ورۇندىن اتلاپ سودا قىلسا بولىدۇ ، پۇل بىرىكمىسى سودىسى پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن بانكا ، سودىگەرلەر ۋە ۋاستىچى سودىگەرلەر ارقىلىق توردا ئېلىپ بېرىلىدۇ ، شۇڭا ئۇ ھەرقانداق سودا ۋاقتى بىلەنل چەكلەنمەيدۇ ، سودا قىلغۇچىلارغا ھەر ھەپتىدە بەش كۈن ، ھەر كۈنى 24 سائەت سودا قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.
تاشقى پېرىۋوت سودىسىنىڭ پىشاڭى مەبلەغتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ . ئادەتتە پىشاڭ قانچە يۇقىرى بولسا، مەبلەغدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
مەسىلەن، بىر ئۆلچەملىك قول EURSUD توختامىنىڭ قىممىتى 100000 دوللار.
ئەگەر پىشاڭ بولمىسا 100000 دوللارنى تولۇق تۆلەشكە توغرا كىلدۇ ، ئىگىلىگەن مەبلەغمۇ 100000دوللار بولىدۇ .
ئەگەر 500 ھەسسە پىشاڭ بولسا ، پەقەت 200 دوللار ئىگىلىسىلا ، مەبلەغتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى 500 ھەسسە ئاشۇرغانغا باراۋەر .
ئەگەر 100 ھەسسە پىشاڭ پىشاڭغا 1000 دوللار كەتسە ، 200 ھەسسە پىشاڭغا 500 دوللار كېتىدۇ .
بىراق پىشاڭ قانچە يۇقىرى بولسا ، زىياننىڭمۇ مۇناسىپ كېڭىيىشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ .
بىز سودا قىلغاندا سودا مىقدارىنى 30% تىن 50% كىچە كونترول قىلىش تەكلىپىنى بېرىمىز، مەسىلەن ھېساباتىڭىزدا مىڭ دوللار مەبلەغ بولسا ، سىزنىڭ سودا مىقدارىڭىز ئىگىلىگەن مەبلەغ 300 دوللاردىن 500 دوللارغىچە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، قالغان مەبلەغنى خېيىم-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش سۈپىتىدە ساقلاپ بازار داۋالغۇش خەۋپ-خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئەگەر سىز يېڭى ئۆگەنگۈچى بولسىڭىز، سودا مىقدارىنى 10% تىن 30% كىچە كونترول قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
نۆۋەتتە خېيىم-خەتەر ۋە پايدا تەڭپۇڭلىقىنى ئويلىشىش ۋە MiFID II نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رامكىسى ئاستىدا، Best-traderئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 ھەسسلىك پىشاڭلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ .
تاشقى پېرىۋوت سودىسىدىكى نۇقتا قىممىتى تاشقى پېرىۋوت داۋالغۇشىدىكى ئەڭ كىچىك باھا ئۆزگىرىشى. ئادەتتە بىز قانچىلىك داۋالغۇش بولسا شۇنچە نۇقتىلىق داۋالغۇش دەيمىز ، مۇناسىپ بولغىنى شۇ نۇقتىنىڭ قىممىتى .
مۇتلەق كۆپ ساندىكى پۇل بىرىكمىسىنىڭ نۇقتا قىممىتى ئونلۇق چىكىتنىڭ ارقىدىكى تۆتىنچى خانىسىغا باھا قويىدۇ ، يەنى 0.0001 ، مەسىلەن EURUSD 1.0558دىن 1.0559 گىچە بولغاندا ، بىز EURUSD بىر نۇقتا داۋالغۇدى دەيمىز ، ئادەتتە بۇ تۈردىكى پۇل بىرىكمىسىنىڭ بىر ئۆلچەملىك قول توختامىنىڭ ھەر بىر نۇقتا داۋالغۇغاندا ، ھېسابات 10 دوللار پايدا قىلىدۇ .
ئاز بىر قىسىم پۇل بىرىكمىسىنىڭ نۇقتىلىق قىممەت باھاسى ئونلۇق چىكىتنىڭ ئارقىدىكى ئىككىنچى خانىسىغا باھا قويىدۇ، مەسىلەن USDPY 149.01دىن 149.02 گىچە بولغاندا ، بىز USDPY بىر نۇقتا داۋالغۇدى دەيمىز.
تاشقى پېرىۋوت سودىسى بىرلا ۋاقىتتا بىر جۈپ پۇل بىرىكمىسىدىكى بىر خىل پۇلنى سېتىۋېلىپ يەنە بىر خىل پۇلنى سېتىپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن EUR/USD ياۋرونى سېتىۋېلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا USD/PY دوللارنى سېتىۋېلىپ، ياپونىيە يىنىنى سېتىپ چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭ ماھىيىتى ئىككى خىل پۇلنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىق مۇناسىۋىتى ئارقىلىق باھا پەرق تىپىش . ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، بىز بىر گۇرۇپپا پۇل بىرىكمىسىنى سېتىۋېلىپ ، ئاجىزلاپ كەتكەن پۇلنى ساتىمىز .
مەسىلەن، ياۋرونى ۆسۈشكە ، دوللارنى چۈشۈشكە كۆرسىڭىز ، ۇنداقتا EURUSDنى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ياۋرونى چۈشۈشكە ، دوللارنى ۆسۈشكە كۆرسىڭىز EURUSD نى ساتسىڭىز بولىدۇ .
بىر گۇرۇپپا پۇل بىرىكمىسىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى نۇرغۇن ئامىللارغا باغلىق، مەسىلەن بىر دۆلەت مەركىزىي بانكىسىنىڭ پۇل سىياسىتى، بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتى ۋە پۇل پاخاللىشىش سەۋىيىسى قاتارلىقلارغا باغلىق . ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، مەركىزىي بانكا ئۆسۈم ئۆستۈرۈشكە يۈزلەنگەندە ، پۇل بىلەن تەمىنلەش قىس بولسا ، مۇناسىپ پۇل كۈچىيىدۇ ، ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسا ، بازار ئادەتتە پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلىشى ۋە مەركىزىي بانكا ئۆسۈم ئۆستۈرۈشىنى مۆلچەرلەپ ، پۇلنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ .
مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سودا قىلىش قارارغا كېلىشتىن بۇرۇن، ئىناۋىتى ياخشى، قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سودا سۇپىسىدىن بىرنى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم.
ئادەتتە بۇ سودا سۇپېلىرىنىڭ ھەممىسىدە QICقاتتىق تەكشۈرىشتىن ئۆتۈپ، ئىشلەتكۈچىلەردىن كەسپىي ئاپپاراتلار چىقىرىپ بەرگەن ئىقتىسادىي تەپتىشلىك دوكلاتى بىلەن تەمىنلەشنى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سودىغا قاتنىشىش تەجرىبىسى ۋە خەۋپ-خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىلەن ماس قەدەمدە ئەنگە ئالدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سودا قىلغۇچىلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق، سودا سۇپىسىلىرىنىڭ مۇكەممەل نومۇر تاختىسى ۋە ھوقۇق بېرىش ئۇچۇرىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرەلەيدۇ.